ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتلىرى ۋاشىنگتوندا ئۇچراشتى

 

ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىپلوماتلىرى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، تەيۋەن بوغۇزى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ تاۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ياردەمچى كاتىپى دانىيال كىرىتېنبرىنك ۋە ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرى باش ئەمەلدارى سارا بېران تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئالاقىلىشىش لىنىيەسىنى ئوچۇق قويۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىككى تەرەپ سەمىمىي، ماھىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك مۇزاكىرىلەشتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندونىڭ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق