خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بېيجىڭدىكى قاتتىق يامغۇرنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئاپىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 130 مىليونغا يېقىن خىتاي تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خېبېي ئۆلكىسىدىلا 974 مىڭ خىتاي تارقاقلاشتۇرۇلغان.