ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خىتاي ۋەن توڭشۇ قۇتقۇزۇپ قالدىمۇ؟

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خىتاي ۋەن توڭشۇ قۇتقۇزۇپ قالدىمۇ؟

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

24-ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا گۈلچېھرە خانىم تەرىپىدىن تەييارلانغان «مۇقام مۇزېيى كىمگە ئېچىلىشى كېرەك؟ ۋەن توڭشۇگىمۇ ياكى تۇردى ئاخۇنغىمۇ؟» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا يېزىلىشىچە، خىتاي 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا «ۋەن توڭشۇ مۇقام ئارخىپخانىسى مۇزېيى» ئاچقان. بۇ مۇزېيدا ۋەن توڭشۇنىڭ خىزمىتى ۋە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك 30 نەچچە پارچە سۈرەت، 10 ماگنىتلىق سىملىق ئاۋاز لېنتىسى ۋە ئون ئىككى يۈرۈش مۇقام ئىزاھاتى قوليازمىسى، يەنە 200 پارچىدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار كۆرگەزمە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەن توڭشۇ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شيامېندا 100 يېشىدا ئۆلگەن. 2022-يىلى 12-نويابىر خىتاي دۆلەتلىك ئەدەبىيات تورى «ۋەن توڭشۇ: ئۇيغۇر مۇقامنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان. خىتاي ماتېرىياللىرىدا يەنە: «ۋەن توڭشۇ ‹مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە: «ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتە مەرھۇم پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹ئون ئىككى مۇقام› ھەققىدە» سەرلەۋھىلىك كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابى «ئون ئىككى مۇقام تارىخىنىڭ قىسقىچە بايانى»دا: «1950-يىللىرى 8-، 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ‹12 مۇقام› ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىندى. بۇ ئىشقا پېشقەدەم مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن، مەشھۇر داستانچى روزى تەمبۇر، مۇقامچى زىكرى ئەلپاتتا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، جۈملىدىن يولداش ۋەن تۇڭشۈ قاتناشتى» دېيىلگەن. ماقالىنىڭ داۋامىدا خىتايدا يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى خەلق مۇزىكا سەنئىتى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ رەڭدار قامۇسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى»، «12 مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس» دەيدىغان سەپسەتىلەرنىڭ خېلى بۇرۇندىنلا باشلانغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ 2019-يىلى 18-مارتتا ئېلان قىلغان ۋە خەلقئارادا زور تەنقىدىي ئىنكاس قوزغىغان «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋەلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېگەنلىكى، ئارقىدىنلا خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا «12 مۇقام ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس» دېگەن سەپسەتىلەر يېزىلغان بىر يازما ئېلان قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان.

ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى باشلىقى، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى راچېل ھارىس خانىم، تۈركىيەدىكى پىروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرى ئەپەندىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى سەپسەتىسىگە قارىشى رەددىيەلىرى يېزىلغان.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى: «ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يېتىپ كېلىشى ۋە ساقلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇزىكانت مۇقامچى تۇردى ئاخۇن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ‹مۇقامنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە يالغۇز ۋەن تۇڭشۈ سەۋەب بولغان، ۋەن توڭشۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇچى› دېيىشى بىر سەپسەتە، ئويدۇرما. ۋەن توڭشۇ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىلمىسە، مۇقاملارنى قانداق چۈشەنسۇن؟ بۇنى قىلغانلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار، ئۇ پەقەت نوتا بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇقاملارنى رەتلەش گۇرۇپپىسىغا خىزمەت قىلغان» دەپ رەددىيە بەرگەن.

راچېل ھارىس خانىم: «مەن ۋەن توڭشۇنى بىلىمەن. خىتايدا ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ ناھايىتى سەمىمىي ئادەمدەك تەسىرات قالدۇرغانىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ مۇزېينىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. بۇمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى-سەنئىتىدىكى تارتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر مىسالى، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق مەقسەتلىك مۇزېي قۇرۇشى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مۇزىكانت ۋاڭ لوبىڭنى ‹شىنجاڭ ناخشا پادىشاھى› دەپ، ئۇنىڭ مۇزېيىنى تۇرپانغا يېقىن جايغا ئېچىپ ھەيكىلىنى ئورناتقانىدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەقسەتتە قۇرۇلغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي بىلەن باغلانمايدۇ. ئۇ ئىسلامىي ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە يېقىن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن: ‹قېنى بۇ مۇزېيدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر سەنئەتكارلار؟ ئۇلار قەيەردە؟› دەپ سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دەپ رەددىيە بەرگەن.

پىروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرى: «ۋەن توڭشۇ ھېچقاچان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئەمەس ۋە مۇقامچىلىقتىكى بىرىنچى شەخسمۇ ئەمەس. قۇتقۇزغۇچى دېيىش توغرا كەلسە تۇردى ئاخۇن ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدۇر» دەپ رەددىيە بەرگەن. چۈنكى تارىخىي رېئاللىق ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغان، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان ۋەن تۇڭشۇ دېگەن خىتاي تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئەكسىچە مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف باشچىلىقىدا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن سىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. (سىمغا ئېلىش: ماگىنىتلىق پولات سىمغا ئاۋاز ئېلىش تېخنىكىسى).

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان، مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردىئاخۇن 1881-يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدىكى تەۋەككۈل ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تەۋەككۈل ئاخۇن نەچچە ئەجدادىدىن تارتىپ ئەلنەغمىچىلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىككى ئوغلى ئىمىن ئاخۇن بىلەن تۇردىئاخۇننى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەيدۇ ھەمدە ئون ئىككى مۇقامنى سىستېمىلىق ئۆگىتىدۇ. ئۇلار 16-15 ياشلارغا كىرگەندىن باشلاپ ئاتا-بالا ئۈچەيلەن بىر ئەلنەغمە گۇرۇپپىسى بولۇپ، نەغمىچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. تۇردىئاخۇن ئاكىنىڭ بىرىنچى ئوغلى ھوشۇر ئاخۇنمۇ مۇقام داپچىسى بولۇپ يېتىشىدۇ.

تۇردىئاخۇن دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاكىسى ئىمىناخۇن ۋە ئوغلى ھوشۇر ئاخۇنلار بىلەن ئۈچ كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئەلنەغمىچىلىك قىلىدۇ. 1930-يىللاردا يېڭىساردىن يەكەنگە بېرىپ ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا يەكەندىكى كۆپلىگەن داڭلىق مۇقامچىلار بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار ئون ئىككى مۇقامنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە تۇردىئاخۇننىڭ قابىلىيىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشىدۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مۇقامچى ھېسابلانغان سۇلايمان ئاكىمۇ «مۇقامنى سىلەردىن ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن» دەپ ئۇلارغا قايىل بولىدۇ.

1945-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن «تاشقورغان ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئىنقىلابچىلار قاغىلىقنى ئازاد قىلىدۇ. «11 بىتىم» نىڭ روھى بويىچە ئۇلار قاغىلىقتىن قايتقاندىن كىيىن، تاجاۋۇزچى، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) «ئىلى ئوغرىلىرىنى قارشى ئېلىپ ساز چالدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن، يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنى قۇترىتىپ، ئىمىن ئاخۇننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ. تۇردىئاخۇن بولسا قاغىلىق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قامىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قاغىلىق خەلقى بىرلىشىپ، خىتاي ساقچى باشلىقىغا نۇرغۇن پارا بېرىپ، تۇردىئاخۇننى قاماقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.

1946-يىلى ئاتالمىش ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭ (1969-1890)، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914)، سەيپىدىن ئەزىزى (2003-1915) ۋە قاسىمجان قەمبىرى (1956-1910) قاتارلىقلار «11 بىتىم»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇلارغا بېرىلگەن زىياپەتتە مۇزىكا چالدۇرۇش ئۈچۈن تۇردىئاخۇن ئاكىنى چاقىرىدۇ. بۇ بەزمىدە تۇردىئاخۇن ئاكا ئىجرا قىلغان مۇقام نەغمىسىنى ئاڭلىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر باشلىقى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر تۇردىئاخۇننىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ ئۇنىڭغا تون كىيگۈزىدۇ.

1949-يىلى 9-ئايدا كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نى  مەغلۇپ قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.

بىز ئوقۇغان بەزى تارىخىي مەنبەلەر، پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ يۇقىرىقى كىتابى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1950-يىلى 8-، 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئون ئىككى مۇقام ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىنغان. (بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن «تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىندى» دەپ يېزىلدى؟ پەقەت خىتاي تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دېمەكچىمۇ؟ مەن 15-16 ياش ۋاقتىمدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈنگە ئالغان ئون ئىككى مۇقام ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان، بىزدە 20 دانىدىن كۆپ فاتىفون تەخسىسىمۇ بار ئىدى).

بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا پېشقەدەم مۇقامچى تۇردىئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن، داستانچى روزى تەمبۇر، داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامچى زىكرى ئەلپەتتا (1986-1915)، ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللا ھەمدە مۇزىكىشۇناس ۋەن تۇڭشۇلار قاتناشتى، دەپ يېزىلغان.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، «1950-يىلى ئون ئىككى مۇقام تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىنغان» دېيىلگەن ۋە بۇنى ئاخىر بېرىپ پەقەت ۋەن تۇڭشۇنىڭ تۆھپىسى قىلىپ، «ۋەن تۇڭشۇ سىمغا ئالغان» دېگىنى يالغان. چۈنكى بۇ ۋاقىت كوممۇنىست خىتاي ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان ۋاقىت بولغاچقا، 12 مۇقامنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 12 مۇقامنى تولۇق ئورۇنداش ۋە سىمغا ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىقلار، ئونلىغان ياردەمچى سازەندە، ئونلىغان ئەر-ئايال ئۇسسۇلچىلار ھەم نەچچە كۈنگە سوزۇلغان ۋاقىت كېتەتتى. دېمەك، شۇ قېتىملىق سىمغا ئېلىش ئەھۋالى دەسلەپكى سىناق تەرىقىسىدىكى سىمغا ئېلىش بولۇپ، پەقەت بىر، كۆپ بولسا ئىككى مۇقام ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىدىن ئىبارەت ئىدى. 12 مۇقامنىڭ تولۇق تېكىستقا ۋە سىمغا ئېلىنغان ۋاقتى 1955-يىلى بولۇپ، سىمغا ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلغۇچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفتۇر.

مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف 1915-يىلى 8-ئايدا ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدىكى شاھ ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1921-يىلى دادىسى ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستاننىڭ قارقول رايونىغا ئېلىپ چىقىپ، رۇسچە باشلانغۇچ مەكتەپكە، 1926-يىلى يەنە ياركەنتتىكى رۇسچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ 1935-يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، 20 يېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىپ، سۇ ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. كېيىن يەنە تىرىشىپ ئوقۇپ، مۇتەخەسسىسلىك ئۇنۋانى ئالىدۇ.

ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى سېپىگە قوشۇلۇپ، جىڭ، شىخولارنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىدۇ. ئىنقىلاب غەلىبە قىلىپ، 1949-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسى باش ئىشتاب 1-سىياسىي بۆلۈمىدە ئوفىتسېر بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «5-كورپۇس ئارمىيەسى» قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ.

تاجاۋۇزچى خىتاي 1955-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ئەسكەرلىرى بىلەن قەشقەردە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇدەك گېنېراللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ گېنېراللىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف 1955-يىلى قاسىمجان قەمبىرى (1956-1910) بىلەن بىرلىكتە تۇردىئاخۇن ئاكىنى يەكەندىن قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قايتىدىن تەپسىلىي لېنتىغا ۋە پىلاستىنكىغا ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى لېنتىغا ئېلىشتا پېشقەدەم مۇقامشۇناس تۇردىئاخۇن ئاكىنىڭ ساتار بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق تېكىستى بويىچە ئوقۇپ چىقىشى، ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن ئاكىنىڭ داپ چېلىپ بېرىشى ئاساس قىلىنىدۇ. 12 مۇقام جەمئىي 360 ئاھاڭ، 4492 مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ (خانىش ئاماننىساخاننىڭ تەرجىمىھالىدا «3436 مىسرا نەزمىدىن تەركىب تاپقان» دەپ يېزىلغان)، ھەر بىر مۇقامنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.

ناۋادا سەئىدىيە خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇقام ئۇستازى قېدىرخان يەركەندى بىلەن خانىش ئاماننىساخانلار (1560-1526) ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەپ، ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتتى دېيىلسە، ئۇ چاغدا تۇردىئاخۇن ئاكىنى ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى ۋە زامانىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىردىنبىر سەنئەت ئەربابى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى تۇردىئاخۇن ئون ئىككى مۇقامنى چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان پېشقەدەم سازەندە ئىدى.

تۇردىئاخۇن ئاكا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ نوتىسى 1956-يىلى خىتاينىڭ مەركىزىي مۇزىكا نەشرىياتى بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنىدۇ. تېكىستلىرى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىتاب بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.

دېمەك، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» خىتاي دەۋا قىلغاندەك 1950-يىلى تۇنجى قېتىم ۋەن توڭشۇ دېگەن خىتاي تەرىپىدىن ئۈنگە ئېلىنمىغان، بەلكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف باشچىلىقىدا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن 1955-يىلى ئۈنگە ئېلىنغان. گېنېرال مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ بۇ خىزمىتىنى مۇقام تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ.

گېنېرالى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان مۇشۇ خىزمىتى ۋە باشقا خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن 1958-يىلى باھار ئايلىرىدا ئېچىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش چوڭ يىغىنىدا تەنقىد قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ قوشۇمچە نازىرلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق بارلىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىدىيە ئۆزگەرتىش نامى بىلەن خىتايغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

يۇقىرىدا يېزىلغان تارىخىي ۋەقەلەر مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ تۇردىئاخۇن ئاكىنى يەكەندىن قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قايتىدىن پىلاستىنكىغا ۋە سىمغا ئېلىش جەريانى باشتىن-ئاخىرغىچە مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈستىدە بولغان گۇۋاھچى مامۇتوف قۇربان تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان. مامۇتوف قۇرباننىڭ بۇ خاتىرىسى خىتاينىڭ نەچچە قېتىم قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تاسقاشلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، 2014-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان «تارىخ سەھنىسىدە» ناملىق كىتابتا ئېلان قىلىنغان. بىز بۇ ئەھۋالنى ياخشى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى پارىژدىكى باش ئىشتابىدا «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلىرى» تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3-تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت مىراسلىرىدىن بولغان 12 مۇقاممۇ كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ خەلقئارا نوتىغا ئېلىنىشى مۇقامنى يېڭى تارىخىي دەۋرگە ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئون ئىككى مۇقام ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

كوممۇنىست خىتاي 1949-يىلى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كۈنىمىزگىچە بولغان 73 يىل جەريانىدا، سىستېمىلىق ھالدا پۈتۈن تارىخىمىزنى ئۆچۈرۈپ، ئۆزلىرى يالغاندىن خالىغانچە ئويدۇرۇپ تارىخ يېزىپ، بىر پۈتۈن تارىخىمىزنى، جۈملىدىن يەر-جاي ناملىرى، تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى تامامەن يوقىتىشقا ياكى ئۆزىگە تەۋە قىلىشقا قاتتىق ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋاللارنى ئاساسەن بىلىمىز. ئەمما بىلىش، قارشى تۇرۇش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىقلار يېتەرلىك ئەمەس. بۇ نۇقتىدا ئالىملىرىمىز، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز ھوشيار تۇرۇشى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەم مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە، جۈملىدىن خىتايلارنىڭ توختاۋسىز چىقىرىۋاتقان ھۆججەتلىرى، ماقالىلىرى، يالغان خەۋەرلىرى ۋە مۇشۇنىڭدەك ئويدۇرما تارىخلىرىغا دەل ۋاقتىدا ھەم پاكىتلىرى بىلەن ئاكادېمىك سەۋىيەدە رەددىيە قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمىز.

2023-يىلى 29-ئىيۇل

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.rfa.org/uyghur/mulahize/muqam-muzey-07212023184325.html

«100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى، 2017-يىلى 12-ئاي ئىستانبۇل بىرىنچى نەشرى، 2-قىسىم، 66-بەتتىن 69-بەتكىچە، 403-بەتتىن 416-بەتكىچە.

بۇ خەۋەر 1890 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2023 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق