خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «بۈركۈت قالقىنى-2023» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق ئاماللار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان ئىسلام دۇنياسىنى ھەرخىل ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن قولغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەردە بەلگىلىك نوپۇزغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلەر ئالدىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمغان ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى مەبلەغ سېلىش نامىدا پىلانلىغان قارا نىيىتىنى كۆرەلمىگەن رايون دۆلەتلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 857 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2023 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق