خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە قاتتىق كەلكۈن كېلىپ، 11 ئادەم ئۆلۈپ، 27 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر كوچىدىكى سۇغا غەرق بولغان.
خىتاي خېنەن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 6:00 گىچە قاتتىق يامغۇردا 11 ئادەم ئۆلگەن. ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۆلگەن ۋە 27 ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچراپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشى مۇمكىن بولۇپ، خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدا ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇردىن كېلىپ چىققان كەلكۈن سەۋەبلىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ