خىتاي باش ئەلچىخانىسى ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى ئېلان قىلغان «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»غا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياپونىيەنىڭ 2023-يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن توختاشقا ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولۇشقا چاقىرغان.

خىتاي باياناتچى باياناتىدا ياپونىيەنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى بۈگۈنگە قەدەر خاتا مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، نورمال ھەربىي كۈچ تەرەققىياتى ۋە ھەققانىي ھەربىي ھەرىكىتىگە قارا چاپلىغانلىقىنى، خىتاينى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي باياناتچى يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك، ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، سىنكاكو ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ جېدەل چىقىرىپ، قارشىلىشىش پەيدا قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇل «2023-يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، كىتابتا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ۋە ھەربىي پائالىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەنىدى. ئارقىدىنلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق