ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى ئېلان قىلغان «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە ئەڭ چوڭ خىرىس ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇل 2023-يىللىق «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، كىتابتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ياپونىيە ئەتراپىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، شىمالىي كورىيەنىڭ ياپونىيەگە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 510 بەتلىك مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ ياپونىيەگە نىسبەتەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋە مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك مۇھىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ باشقا ئەللەرگە تۇتقان مەيدانى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ياپونىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە ياپونىيەنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قارشى قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، 2027-يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق مۇددەت ئىچىدە 310 مىليارد دوللار مۇداپىئە خىراجىتى ئاجرىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىغانلىقى، تەيۋەنگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئۆزىگە خەۋپسىزلىك تەھدىتى دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ شۇ كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقى، خىتاينىڭ «نورمال ھەربىي ھەرىكەتلىرى»گە قارا سۈركىگەنلىكى، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم