خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تىبەتتىمۇ كۆپەيتمەكتە

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللانغان جازا لاگېرى ئەسلىھەلىرىنى تىبەت رايونىدىمۇ كۆپەيتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ياۋروپا راند ئەقىل ئامبىرىنىڭ 27-ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى تىبەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئالاھىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى»دا يېنىۋاتقان كېچىلىك چىراغلار 2019-يىلىدىن تارتىپ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەتتىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. راند ئەقىل ئامبىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەنگەن.

راند ياۋروپا تەتقىقات ئورنى تىبەتتىكى 79 «ئالاھىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى»نى تەكشۈرگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بوشلۇقتىن كۆزىتىش ئارقىلىق، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاپ چىققان ۋە رايوندا كېچىسى يورۇتۇلغان بىنالارنىڭ كۆلىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايقىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىشنى بايقاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار مەزكۇر بايقاشلارغا ئاساسەن، تىبەتنىڭمۇ خۇددى شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، نەچچە مىليون كىشى جازا لاگېرىغا ئۇزۇن مۇددەت قامىلىشتەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 931 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2023 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق