خىتاي تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسى تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيفېڭ بورىنى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە فۇجيەن ئۆلكىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك شامال ۋە قاتتىق يامغۇر توختىماي ياغقان. مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش پونكىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن مىقدارىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، يامغۇر بەزى رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جياڭشىدا جەمئىي 19000 ئادەم تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 11000 ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان.

29-ئىيۇل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فۇجۇ شەھىرىدە كۈچەيگەن تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە مېترونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى قاتناش ۋاقىتلىق توختىتىلغان.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2023 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق