ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زومىگەرلىك ۋە كۆكەمىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس بىلەن كۆرۈشكەن.
ئوستىن يىغىندىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئۆزىنى قوغدايدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغىچە ۋە غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكيانغىچە بولغان رايونلاردا خىتاينىڭ بېسىمى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ۋە خىتايغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مىنىستىر ئوستىن يەنە ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەردىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
نۆۋەتتە بىلىنكېن بىلەن ئوستىن بىرىسباندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ئەترىتىنى ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە قوشۇش ئۈچۈن كۆرۈشۈشلەردە بولماقتا.
ئاۋسترالىيە 2021-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كۆزدە تۇتۇلغان AUKUS كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى. بۇ كېلىشىم بىلەن ئادېلەيدتىكى پاراخوت زاۋۇتىدا كەم دېگەندە سەككىز يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياسىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر