خىتاي كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن چەت ئەلدىكى چاپارمەنلىرىنى ئىشقا سالدى

خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتاينىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 18-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە خىتاي سىرتىدىكى خىتاينىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئاتالمىش «ئۆگىنىش»كە تەشكىللىگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرنى ئۆزلىرى ياشىغان دۆلەتلەردە تارقىتىش تاپىلانغان. 16 دۆلەتتىكى 26 جەمئىيەتتىن كەلگەن 32 ۋەكىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن-شىخەنزە شەھىرىگىچە، قەشقەردىن-تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگىچە زىيارەت قىلدۇرۇلغان.

 زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدە ئاۋسترالىيەدىكى خىتاينىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، كانادا ئېدمونتوندىن كەلگەن خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ باشلىقلىرى، شۇنداقلا قىرغىزىستان، تاجىكىستان، فىرانسىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەر بار بولۇپ، ئۇلار زىيارەتتىن كېيىن قىلغان سۆزلىرىدە: «شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، دىنلارنىڭ ئىناق، خەلقنىڭ خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز» دەپ بىلجىرلاشقان.

 

ئۇلارنىڭ بۇ چالۋاقاشلىرىغا ئاز ساندىكى خىتاي مەستانىلىرىدىن باشقا كۆپ ساندىكى ھەقىقەتنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر نارازىلىق ئىنكاسى يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەتۈر تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بارلىق كۆز بويامچىلىقلارنىڭ ئاللىبۇرۇن بازىرى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2106 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2023 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق