ئامېرىكا ئىتالىيەدە خىتاينىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋاشىنگتوندا ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان قارا نىيىتىگە قانداق قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن 27-ئىيۇل ئاقسارايدا ئىتالىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

كۆرۈشۈشتە بايدېن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قارا نىيىتىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىتالىيە ئۈچۈن چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونىمۇ ئىتالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن چېكىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن بايدېن ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيەنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن چېكىنىپ چىقىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەۋرەنمەس ئىتتىپاق، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە چوڭقۇر دوستلۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

باياناتتا ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، بۇ رايوننىڭ يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1009 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2023 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق