ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى 330 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى 2023-يىللىق خامچوت لايىھەسىدە بىر مىليارد دوللارلىق «پىرېزىدېنت ئىشلىتىش ھوقۇقى»نى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇلار تەيۋەننى قورال-ياراق ۋە باشقا ياردەملەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەنگە قىلماقچى بولغان قورال-ياراغ ياردىمىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 330 مىليون دوللار بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى قارار بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاقساراي بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەمىنلىگەن قورال سىستېمىسىنىڭ تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىنمايدىكەن.
مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋەردار تۆت كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ پىلان ئەسلىدە تۆت دانەMQ-9A تىپلىق ئۇچقۇچىسىز كۆزىتىش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئەمما ئەمەلدارلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا سەپلەنگەن، پەقەت ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىلا ئېرىشەلەيدىغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىۋېتىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە ئىزدەنمەكتىكەن. MQ-9A تىپلىق ئۇچقۇچىسىز كۆزىتىش ئايروپىلانىنى تەيۋەنگە بېرىش پىلانى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
تەيۋەن ئىلگىرى 2025-يىلى يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن تېخىمۇ ئىلغار MQ-9B تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تۆتنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەننىڭ MQ-9B تىپلىق ئايروپىلاننى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى ئىشلىتىدىغان سىستېما بىلەن بىرلەشتۈرۈشىگە يول قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپلىغان ئۇچۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ