ئامېرىكا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇسىيەنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇسىيەنى تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.

CNN نىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتىگە ئائىت ئىسپاتلارنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئورتاقلىشىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە ئاي مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان. ئەسلىدە بەشبۇرجەكلىك بىنا بۇنىڭغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن ئەيىبلەشكە يول ئېچىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا ئەمەس بولۇپ، بايدېننىڭ بۇ قارارى تارىخىي بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلارنى ھەمبەھرىلىشى ئىكەن.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات توپلاش مېخانىزمى ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئورتاقلىشىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەپتىشلىرىنىڭ تەلىپىگە باغلىق ئىكەن.

بۇ خەۋەر تۇنجى قېتىم نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئېيتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى بىر كۈن ئىلگىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئەمما ئاقساراي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 729 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق