دوكلات: خىتاي رۇسىيەنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىدى

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار پارلامېنت ئەزالىرى ئېلان قىلغان مەزكۇر ھۆججەتتە، رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان، خىتاي رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھىغا ئايلانغانلىقىنى، تۈرلۈك ئىقتىسادىي قوللاش مېخانىزمى ئارقىلىق، بېيجىڭ غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

مەخپىي دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپلىك سودىسىنىڭ ئوبوروت نىسبىتى ئاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئىچىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي رۇسىيەدىن ياۋروپا تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمپورتىنى ئاشۇرغان ۋە خىتاي خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە يول ئاچقان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ موسكۋانى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم پۇقراۋىي ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاش كۆلىمىنى مۆلچەرلەش قېيىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن.

دوكلاتتا: «خەلقئارانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازا ۋە ئېكسپورت كونترول قىلىش تەدبىرىگە قارىماي، خىتاي موسكۋا ئارمىيەسىنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم ئارمىيە ۋە خەلق ئىشلىتىدىغان قوش ئىقتىدارلىق تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى» دېيىلگەن.

تاموژنا خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى مۇداپىئە شىركەتلىرى رۇسىيەگە يىراقتىن يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرى، كاشىلا قىلىش تېخنىكىسى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى توشۇغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 747 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2023 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق