ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جېي شەمبا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايغا قارشى قاراتمىلىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جېي شەمبا ( (Jay Shambaugh كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا سۇنغان گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە: «شۇنى تەكىتلەيمەنكى، قاراتمىلىقى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ھەرىكىتى ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۇرۇنۇش تەدبىرى يېرىكلىشىشقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئادىل ۋە ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ھەم دۆلەتكە نەپ يەتكۈزىدۇ، ھەم ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە شىركەتلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن.
جېي شەمبا تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا: «زۆرۈر تېپىلغاندا، بىز بىر يۈرۈش قوراللارنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئامېرىكا خەلقىنى خەتەرنىڭ خەۋپىدىن قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزنىڭ يادروسى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي قارشى مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىق خەۋپىنى ئازايتىمىز» دېگەن.
مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەلگە سالغان شەخسىي مەبلىغىگە يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇشنى ئويلاشقان. كېڭەش پالاتاسى ئىلگىرى زور دەرىجىدە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سالغاندا، فېدېراتسىيە ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
شەمبانىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسى نۇقتىسى ئامېرىكا خىتاينىڭ «بازارسىز» ئىقتىسادىي ھەرىكىتىگە، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنى ھەددىدىن زىيادە قوللىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى رىقابەتتە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش شەكلىنى ئالغان دىپلوماتىك ھەرىكەت ئارقىلىق دۆلەتلەرنى جازالاش مەقسىتىدە ئىمپورت ياكى ئېكسپورتنى توختىتىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ