بىز دەۋاگەرمۇ ياكى داۋىخورمۇ؟
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان
يۇرتىمىزدا ئۆيىمىزگە ئىزچىل ئوت كېتىپ تۇرمىسا، خىش-ئەقرىبا خەلقىمىز ئۆيىگە سولىنىپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۇرمىسا، ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يېڭى ئۇسلۇب ۋە سىياسەت بىلەن يۈرگۈزۈلۈپ قەلبىمىزنى مۇجۇپ تۇرمىسا، يەنە خىتاينىڭ بۇ قۇرلارغا تىزساق سىغمىغۇدەك جىنايەتلىرى بىزنى لەختە-لەختە قىلىپ تۇرمىسا، بىز ئۈچۈن «دەۋا»نىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقمۇ!؟
ئەسلىدە دەۋايىمىز 1949-يىلى خىتاي ئاسارىتىگە مۇپتىلا بولغان چېغىمىزدىلا باشلانغانىدى. شۇڭا بىز ئەزەلدىن بۇ دەۋانى خىتاينىڭ كۈنلۈك سىياسىي جىنايەتلىرى بىلەن باغلىماستىن، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىل دۆلەت دەۋاسىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا جىق توختىلىپ كەلدۇق.
بۈگۈن خىتاي ۋەتىنىمىزدە جازا لاگېرى قۇرۇش، مەسچىت چېقىش، دىننى چەكلەش، نوپۇسنى چەكلەش، خىتايلاشتۇرۇش، ئېتىقادىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىش، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش، تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىشكە ئوخشاش فاشىست جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپ كەلگەن بولسا، ئەتىسى باشقا، ئۆگۈنى باشقا، كېيىنكى كۈنى باشقا ئىسىم ۋە ئۇسلۇب بىلەن زۇلۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، بۇنىمۇ دائىم دەپ كەلدۇق.
خىتاي ئاسارىتىدىن ۋە قۇللۇقىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلمىغۇچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەپسەندىچىلىك ۋە دەرد-ئەلەمدىن قۇتۇلۇشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلات ۋە مىللەت بويىچە دەۋا ئېڭىمىزنى روشەنلەشتۈرەيلى، نىشان ۋە غايىمىزگە ئاساسەن توغرىلايلى، دېدۇق. ئەمما مۇھاجىرەتتە يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا چىقىۋالغان نائېنىق شەخسلەر جەمئىيەتتە ئەھمىيەتسىز جېدەل-ماجىرا تېرىش، سۇسىز ئېرىققا كۆۋرۈك سېلىش، ئېكراندا جەڭگاھ يارىتىش، مىللەتكە چۆلدىكى سەراپنى كۆل كۆرسىتىش، دەۋانىڭ يۆنىلىشىنى بۇرمىلاشقا تىرىشتى ۋە تەشكىلاتلارنى سېسىتىش، ئۇپرىتىش، ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە تۇراقسىزلاشتۇرۇشقا پەۋقۇلئاددە كۈچ چىقىرىشتى. شۇنداقلا ئۆزلىرى ھېچقانداق بىر رېئال نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.
بىز بۇ تىراگېدىيەدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۈچۈن تىپىرلاۋاتساق، ئىشغالىيەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، ھەرخىل رەڭۋازلىق، ئالدامچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىق بىلەن بەزى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. ۋەتەن ئىچىدە كىشىلەرگە قايتىدىن پاسپورت بېرىشكە، مۇھاجىرەتتە بولسا پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان كىشىلەرگە پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشكە باشلىدى. تېخى يېقىندا تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزىغا تىزىملاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ھەتتا «تۇغقان يوقلاش مېھماندارچىلىقى» باشلاندى.
مىللەتنىڭ قېنى بەدىلىگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە بەدەل تۆلەش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈركىيە گىراژدانلىقىنى ئالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ۋىزىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاترىشى، خىتاينىڭ مەخپىي ئۆمەك چىقىرىپ، ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ئۇچراشقانلىقى، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ۋەتەندىن تېلېفون كېلىشكە باشلىشى... دېگەندەك، بۇ خىتاي چاڭچىلىسىنىڭ تۈرى ئاۋۇپ كەتتى. مۇھاجىرەتتە خىتايغا قارشى دەۋاغا سوغۇق سۇ ئەمەس، مۇز تاشلىۋەتكەندەك بىر كەيپىياتنىڭ باشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، باشقا بىرقانچە ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز. ئەمما بۇ بايان قىلىنغانلار يېپىپ بولغىلى بولمايدىغان چوڭ ۋە ئاچچىق بىر ھەقىقەت.
سۆزنى يىغىنچاقلىساق، مۇھاجىرەت جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ دەۋانى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ۋەزىيەت نېمە بولۇپ كەتسە كەتسۇن، ئىزچىللىق بىلەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ دەۋا ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى ئىشقا كىرىشتى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 100 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئېغىرلىقى مىڭ كىشىلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال بىزنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. بۇ خارابلاشقان ھالىتىمىزگە قاراپ، ئۆزۈمچە «بىز دەۋاگەر بىر مىللەتمۇ ياكى داۋىخور بىر مىللەتمۇ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن.
شاش ۋە تىرىك تۇرۇشىمىز، ۋەتەن، مىللەت ۋە دىنىمىزغا ئىگە چىقىش، مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تاياق، تاش-توقماق يەپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ نامايىش، يىغىلىش ۋە تۈرلۈك سەپەرۋەرلىككە ئاتلىنىشىمىز ئۈچۈن پات-پات ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى، يۇرت ۋە خىتاي بىلەن قىلىۋاتقان تىجارىتىمىزنىڭ توختاپ، سودىمىزنىڭ كاساتلىشىشى، ۋەتىنىمىزگە كىرىپ-چىقالمايدىغان بولۇپ قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟
1949-يىلى رەزىل قانخور خىتاي ۋەتىنىمىزنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، «دەۋا»، «دەۋاگەرلىك» بۇ مىللەتكە ئومۇميۈزلۈك پەرز بولغان ئەمەسمۇ؟ بۇ ۋەتەن مىللەتنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئەزىز مىللەت بىر چوڭ ئائىلە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئەزىز ۋەتەننىڭ ھەر بىر ئەۋلادى، يۇرتلىرى، تاغلىرى، چۆل-باياۋانلىرى، ئېتىز-ئېرىقلىرى، تاش-چالمىلىرى، ھەتتا ئىت-مۈشۈكلىرىگىچە ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىممەتلىكلىرى ئەمەسمۇ؟ ئوغرى ۋە تاجاۋۇزچىنى ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقارغان ۋاقىتتا، ۋەتەندىكى ھەممە كىشى نىجات تاپمامدۇ؟
بىز، ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن مۆلچەرلەپ يولغا چىققان، كەمچىللىكلىرىمىز ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمىز، خاتا ۋە توغرىلىرىمىز بىلەن بۇ دەۋانى ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ ئېتىقاد قىلغاچقا، ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يولىمىزدىن ئاداشماي، يالتايماي ۋە ئۈمىدسىزلىك ئالدىدا تىز پۈكمەي، مەنزىلگە قاراپ ئىزچىللىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن بارلىق كۈچ ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ، پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەۋېرىمىز.