خىتاي بېيجىڭدىن بىۋاسىتە خوتەنگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن بىۋاسىتە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى.

خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CA9661 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 25-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، خوتەندىكى (خىتاي يېقىندا ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن) ئاتالمىش «كۈنگاڭ» ئايرودۇرۇمىغا قونغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە قوش يۆنىلىشتە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان بىۋاسىتە قاتنايدىكەن. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن خوتەنگە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى جايدا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغان ھالەتتىن بەش سائەتكە قىسقىرايدىكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە ۋە تاش يول لىنىيەلىرىنى كۆپەيتمەكتە. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى جەلپ قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، خىتايلارنى ئەرزان باھادا ساياھەت قىلدۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 10 مىليون 890 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆچۈرۈش رەزىل مەقسىتىدە، بىر تەرەپتىن ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسس قىلىپ، كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنسانلار قىرغىن قىلىنىۋاتقان رايون ئەمەس، بەلكى گۈزەل ساياھەت رايونى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايغا يېقىن ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىپ چەت ئەلگە چىقىشقا يول قويۇشقا باشلىغانلىقىنى، چەت ئەلدىكى خىتايغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ۋىزا بېرىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە ساناقلىق كىشىلەرگە يول ئېچىش بىلەن بىرگە، مىليونلىغان خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، چەت ئەللەردە خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن ئويناۋاتقان بۇ سىياسىتىگە ماسلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نالە-پەريادلىرىغا، بەرگەن قۇربانلىقلىرىغا ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1945 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق