ياپونىيە: خىتاي تەيۋەنگە قورال ئىشلەتسە، ياپونىيە تەيۋەننى قوللايدۇ

ياپونىيە مۇداپىئە ئىشلىرى مۇئاۋىن ۋەزىرى مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سوئالىغا: «ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەن رايونىغا قورال ئىشلەتسە، ياپونىيە تەيۋەننى مەلۇم دەرىجىدە قوللىشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭدىن ياپونىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە ۋەزىرى توشىرو ئىنو (Toshiro Ino) يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە «ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەن رايونىغا قورال ئىشلەتسە، ياپونىيە تەيۋەننى مەلۇم دەرىجىدە قوللىشى مۇمكىن، بۇ قوللاش مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ياكى ئارقا سەپ ياردىمى بولۇشى ئېنىق ئەمەس» دېگەن. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دەپ سورالغان بولۇپ، ماۋ نىڭ جاۋابەن: «تەيۋەن خىتاينىڭ زېمىنى، تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ياپونىيە مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ھازىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە خىتاي-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججەت پىرىنسىپىغا پەرۋا قىلماي، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى يەنە ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ: «ياپونىيە خىتاي خەلقى ئالدىدا يېزىپ تۈگەتكۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياپونىيە خىتاي خەلقى ئالدىدا ئېغىر تارىخىي جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالدى. ياپونىيە سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ماۋ نىڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ياپونىيە تەرەپنى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى، ئوت بىلەن ئوينىغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چالۋاقىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بىرى يامانلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل «ياپونىيە-خىتاي تىنچلىق ۋە دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىدا ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىزلاشقان. نۆۋەتتە تەيۋەن مەسىلىسى ۋە دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلار سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2023 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق