يېڭىدىن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋاڭ يى 26-ئىيۇل تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە پىرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 26-ئىيۇل تۈركىيەگە كەلگەن خىتاينىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» تەشەببۇسىنىڭ ماسلىشىشى، خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مەشغۇلاتىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى، كونسۇل مەسلىھەتچىلىكى، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش ۋە سودىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ۋە يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.
ۋاڭ يى شۇ كۈنى يەنە پىرېزىدېنت ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشقان. ئاخباراتقا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈش تەخمىنەن 45 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، كۆرۈشۈشتىن كېيىن باياناتمۇ ئېلان قىلىنمىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئانالىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا بىر ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان ۋە تۇيۇقسىز ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن قىلچە مەلۇمات بېرىلمەستىن ۋەزىپىدىن ئېلىنغان، شى جىنپڭنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى دەپ تونۇلغان چىن گاڭنىڭ ئورنىغا قايتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى دىققەت قوزغايدىكەن.
2013-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋاڭ يى ئاخىرقى قېتىم 2021-يىلى 25-مارت تۈركىيەگە كەلگەن ۋە پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى كۆرۈشتە ئىككى تەرەپ نېگىزلىك مەنپەئەت مەسىلىسىدە داۋاملىق بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەسىلىسىنى تەكىتلەشكەنىدى.
كۆزەتكۈچىلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ كۆپلىگەن تېمىلاردا سۆھبەتلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مەسىلىسى بارلىقى بىلدۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ زىل مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدا، ھازىرقى ھاكىمىيەت پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلىنىڭ مەھمۇد ئابباسقا جاۋابەن قايتۇرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۈچلۈك سۆزلىرى ۋە ئارقىدىنلا تىۋىتتېردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كىرەلمەسلىكى ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تىلغا ئېلىشى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
باھچەلى سۆزىدە يەنە: «بىز شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە بېسىملارغا ئۇچرىغان، ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ۋە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئۇنتۇلۇشقا تاشلاپمۇ قويمىدۇق. چۈنكى ئۇلار بىز ۋە بىز ئۇلار. ئارىمىزدا چېگرالار ۋە ئارىلىق بولسىمۇ، قەلبىمىز بىر، قېنىمىز بىر، تەقدىرىمىز بىر. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمان تۈرك مىللىتىنىڭ ئېزىلگەن ۋە مەزلۇم كۆك بايرىقىدۇر» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەنىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ئىپادىلەردىن قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ چوقۇم تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كۈچەيگەن بىلەن، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ، 2022-يىلى تۈركىيەنىڭ خىتايغا 3 مىليارد 280 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ 41 مىليارد 354 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، ئوتتۇرىدىكى بۇنچىۋالا چوڭ تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى تۆت مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مەبلەغلەر ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل-مۇئامىلە، كانچىلىق ۋە تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر