ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي شىركىتىنى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاينىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنى جازالاشنى نىشان قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. ئەگەر بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇپ قالسا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك خىمىيەلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى 25-ئىيۇل ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «2023-يىلى خىتاي فېنتانىلىنى توختىتىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى 5-ئايدا كېنتاكىيدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاندى بارAndy Barrۋە ئىككى پارتىيەنىڭ باشقا توققۇز پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«2023-يىلى خىتاي فېنتانىلىنى توختىتىش قانۇنى» خىتاينىڭ سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەپيۈن تۈرىدىكى دورا ۋە كېرەكلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلىرىنى جازالايدىكەن. مەزكۇر كېرەكلىك خىمىيەلىك ماددىلار ئارقىلىق ئەپيۈن تۈرىدىكى قانۇنلۇق دورىلار ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، قانۇنسىز فېنتانىل ۋە خېروئىنمۇ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاندى بار سەيشەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا، تارىختىن بۇيان يەر شارى ئايلانما زەنجىرىدىكى فېنتانىلنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىنىڭ خىتاي بولۇپ كەلگەنلىكىنى، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا فېنتانىل توشۇشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەندىن بۇيان، خىتاي يەنە يۆتكەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن خىمىيەلىك دورا ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئارقىدىن ئاخىرقى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى مېكسىكىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرىگە ھۆددىگە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى چېگراسىدىن سوقۇنۇپ كىرىپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زەھەر بىلەن ئامېرىكا خەلقىنى زەھەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق