ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي ھەققىدە يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 25-ئىيۇل زور كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قانۇننى ماقۇللاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئىدراك ساھەسىگە مەبلەغ سالغاندا فېدېراتسىيە ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

100 كىشىلىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىچىدە 91 ئاۋازنىڭ قوللىشى، ئالتە ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى (NDAA) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» قانۇنى ماقۇللاندى. مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن سىياسەت بەلگىلەيدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي سانائىتى بىلەن بولغان رىقابەتنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار ئون نەچچە قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ قانۇننى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب كەيسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن «چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغنى ئاشكارىلاش قانۇنى»نىڭ بىر نۇسخىسى بولۇپ، ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خىتاي قاتارلىق چەت ئەل دۈشمەنلىرىگە ئېقىۋاتقان مەبلەغ ۋە خەۋپىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 715 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2023 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق