يېڭىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن چىن گاڭنىڭ بىر ئايدىن بېرى غايىب بولۇش ۋەقەسى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، چىن گاڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ۋاڭ يىنىڭ يېڭىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يېڭىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىنىپ، يېقىندا تەيىنلىگەن چىن گاڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
بۇ قارار 25-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا چىقىرىلغان بولۇپ، يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن چىن گاڭ غايىب بولغىنىغا دەل بىر ئاي بولغاندا ۋاڭ يىنىڭ قايتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى چىن گاڭنىڭ سالامەتلىك سەۋەبلىك ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى يەنىلا چىن گاڭ توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋەزىپىدىن ئېلىنغانلىقى ۋە نەدە ئىكەنلىكى ھازىرغا قەدەر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ