خىتاي ئاتالمىش «پىدائىيلار» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى كۆچۈرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرى» نامىدا ئون مىڭغا يېقىن خىتاي ئاققۇننى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي «ياشلار گېزىتى»نىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 20-ئىيۇلدىن باشلاپ 10 مىڭغا يېقىن خىتاينى ئاتالمىش «غەرب تۈرىگە پىدائىي بولۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل بۇ تۈر يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ساندىكى خىتاي ئاققۇننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلۈشى ئىكەن.

خىتاينىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «پىدائىي» لارنىڭ %20 شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. %80 ى ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە يېزا-بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «پىدائىيلار» رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، ساقلىقنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلار تىزىملاتقاندىن كېيىن، بەش كۈنلۈك خىزمەتتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەشىقتىن كېيىنلا پىلاندىكى ئورۇنلارغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەدرىجىي خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى 20 قېتىم تەشكىللەنگەن بولۇپ، پىلانغا ئاساسەن 44 مىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1915 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2023 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق