دوكلات: خىتاي بېرما ئارمىيەسىنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ باستۇرۇشقا ياردەملەشكەن

خىتاي بېرما ئارمىيەسىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرىدىغان قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ب د ت نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مەزكۇر دوكلاتنى قوللىغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ بېرما ئارمىيەسىگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلغانلىقى، 2021-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان بېرما دائىرىلىرى خىتاي بەرگەن قوراللار بىلەن خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكى پاش قىلىنغان. خىتاي رېجىمى بولسا بۇ دوكلاتقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 21-ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئامېرىكا ئالاھىدە دوكلات تەييارلىغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ بېرمانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاش تىرىشچانلىقىنى كۈچلۈك قوللايدۇ» دېگەن.

«بىر مىليارد دوللارلىق ئۆلۈم سودىسى: بېرمانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان خەلقئارالىق قورال تورى» سەرلەۋھەلىك مەزكۇر دوكلاتنى ب د ت نىڭ بېرما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى توم ئاندرېۋسTom Andrews 5-ئايدا ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بېرما ئارمىيەسىنىڭ 2021-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كەم دېگەندە بىر مىليارد دوللارلىق قورال ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىمپورت قىلغانلىقىنى، بېرما ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئورۇنلىرىدىن 267 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قورال ۋە ماتېرىيال ئىمپورت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئالاھىدە دوكلاتچىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئۇ يەنە: «بىز ئالاھىدە دوكلات تەييارلىغۇچىنىڭ سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق