خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن ياپون دېڭىزىدا تاماملانغان تۆت كۈنلۈك بىرلەشمە مانېۋىرىدىن كېيىن، تىنچ ئوكياندا دېڭىز ۋە ھاۋادىن بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلەشمە دېڭىز ۋە ھاۋا چارلاشنى باشلاشنى پىلانلىغان.
مانېۋىرنىڭ قوماندانى چيۇ ۋىنشىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مانېۋىر ئىستراتېگىيىلىك دېڭىز يولىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىككى ئارمىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە خىتاي-رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش ھەرىكىتى ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
چىيۇ ۋىنشىڭ مانېۋىرنىڭ شەرقىي شىمال ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپلا قالماي، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تۆت كۈنلۈك بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى تىنچ ئوكياندا بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاينىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپنى نىشانلىمايدىغانلىقىنى، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسلىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي كۈچلەرنىڭ رايوندا بىخەتەرلىك خەۋىپى پەيدا قىلىدىغان ۋە خىتاي-رۇسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر