خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ABC تورىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى يازما باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مۇناسىۋەتكە ئارىلىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ تەنقىدلىدى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ب د ت نىزامنامىسىغا زىت ئىكەنلىكى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ يەر شارى ۋە رايون بىخەتەرلىكىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
باياناتتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىتتىپاقنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا موھتاج ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر