خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە مەخپىي ھالدا نۇرغۇن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
Politico تورىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شىركەتلىرى يۈز مىليونلىغان ئوق ئۆتمەس جىلىتكە، قالپاق، شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تېرمو نىشانلىغۇچ قاتارلىقلارنى ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئارقىلىق رۇسىيەگە ساتقان.
ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ رۇسىيەدىكى ئالدىنقى شىركەت دەپ ئاتالغان قۇرۇلمىلار ئارقىلىق سېتىۋېلىنغانلىقى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مال ئەۋەتىش دائىرىسىدە ئەۋەتىلگەن جىلىتكە ۋە قالپاقلارنىڭ سانىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىغا يېتەرلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تاموژنا خاتىرىسىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رۇسىيەلىك سېتىۋالغۇچىلار شاڭخەي «H Win» دىن نەچچە يۈزمىڭلىغان ئوق ئۆتمەس جىلىتكە ۋە قالپاق زاكاز قىلغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ بۇ يىل خىتايدىن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىمپورت قىلغانلىقى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ 30 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ۋە ئۇكرائىنا تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئوق ئۆتمەس جىلىتكىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ساپال بۇيۇملارنىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورتى بۇ يىل %69 ئېشىپ، 225 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ئوخشاش ماتېرىيالنىڭ ئۇكرائىناغا ئېكىسپورت قىلىنىشى %61 تۆۋەنلەپ، 5 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ۋاگنېر گۇرۇپپىسى 2022-يىلى نويابىر ۋە دېكابىردا خىتايدىكى باشقا بىر شىركەتتىن 60 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قالپاق ۋە ھەر خىل ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان.
كىيېۋ ئىقتىساد ئىنستىتۇتى (KSE) قارمىقىدىكى ئەقىل ئامبىرى KSE ئىنستىتۇتىنىڭ تەھلىلىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئارقىلىق قىلىۋاتقان بۇ ئىمپورتلار بىلەن خىتاينى غەرب تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قوللانماقتىكەن.
تەتقىقاتچىلار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوراللىرىنىڭ %60 تىن كۆپرەك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئامېرىكا مەركەزلىك شىركەتلەردىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر