ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خىتايغا ئۆزەك ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.
ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى 23-ئىيۇل «تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى سودا قانۇنى»دا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇننى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق 23 خىل مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلىشنى رەسمىي چەكلىگەن.
مەزكۇر چەكلىمە بىلەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي مەنپەئەتىگە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسۇقىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كونترول رەسىمى باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، كورىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق 42 دوست دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەر ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك سودا مەسىلىسىدە ياپونىيە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا نىسبەتەن، يېڭى تەدبىرلەر ئېكسپورت ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۆلچىمى، ئۈسكۈنىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ۋە تەلىپى چىڭىتىلىدىكەن. ئەمما 42 ئىتتىپاقداش دۆلەت ۋە رايونغا ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت قىلغاندا، تەرتىپ ۋە چەكلىمىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاينىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ياپونىيەنىڭ بۇ ئۇسۇلى باشقىلارغا زىيان سالىدۇ ۋە ئۆزىگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ. ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى كونترول قىلىش تەدبىرى خىتايغا بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ ئۆزىمۇ زىيان تارتىدۇ. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىستېمال بازىرى. بۇ كونترول قىلىش تەدبىرى ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ