قازاقىستان باش ئەلچىسى دوكتور قۇتلۇق قادىرىغا دوپپا كىيدۈردى

23-ئىيۇل ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە تۈركسوي تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «قازاق قول سەنئەتلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلغان بولۇپ، قازاق خەلقىنىڭ ھەرخىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى.

مەزكۇر كۆرگەزمىگە ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە نۆۋەتتە ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياپون تىلى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇنىڭ ياپون تارىخچى م. ماتسۇبارانىڭ كۆزى بىلەن «قازاق تۈركلىرى - شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ئەركىنلىك كۆچۈشى» ناملىق تۈركچە تەييارلىغان كىتابىنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قازاقسىتاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى يەركەبۇلان ساپىيوف Yerkebulan Sapiyev مۇ قاتناشقان بولۇپ، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىغا مەزكۇر كىتابنى تۈركچە تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە قازاق دوپپىسى كەيدۈردى.

مەزكۇر كىتابتا 1934-يىلدىن 1953- يىلغىچە بولغان جەرياندىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەت، قازاقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە قىلغان جاپالىق كۆچمەنلىك جەريانلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقلارغا قىلغان ياردەملىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2023 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق