تۈرك دۇنياسى تەنتەربىيە فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

6-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەجداد تەنتەربىيەسى فېستىۋالى 23-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتى كىلىس كوجا يايلادا ئېچىلدى. پائالىيەتتە جەمئىي 16 چېدىر قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، سۈرەت كۆرگەزمىسى تەرىقىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، زىيارەت قىلغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت چېدىرىنى زىيارەت قىلغان بۇرسا پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەنگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلىندى. ئۇيغۇر چېدىرىنى يەنە قىرىم تۈركلىرى فېدېراتسىيەسى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇللىرىمۇ مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلقى پائالىيەتتە 16 چېدىر ئىچىدە ئۇيغۇر چېدىرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانلىقىنى، زىيارەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ جەلپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 647 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2023 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق