20-ئىيۇل كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەلگە بېغىشلانغان «شەرەپ كەچلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇراسىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسىي پېلوسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن (Rashad Hussain)، ئامېرىكا خەلقئارا ئەدلىيە خىزمىتى باش ئەلچىسى بېس ۋان شاك (Beth Van Schaack)، سابىق پارلامېنت ئەزاسى فىرانك ۋولف ۋە باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پارلامېنت ھەم سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.
مۇراسىمغا يەنە كانادا پارلامېنتىدىن سامىر زۇبەرى قاتارلىق بىر قانچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرى ۋەكىللىرى، ھەمدە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
مۇراسىمدا نەنسىي پېلوسى خانىم ۋە باشقا ئەربابلار ئارقىمۇ ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر قىلىپ نۇرى تۈركەلنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەنسۇپ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىرىسلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەۋقەسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
مۇراسىمدا سۆز قىلغان نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى، خىتاي رېجىمىنىڭ شۇنچە كۆپ قەبىھ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بولۇپمۇ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دەپ دۇنياۋى ۋەدە بېرىلگەندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نۇرى تۈركەلگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ كۈرەشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز، شۇنىڭدەك غەلىبىگە بولغان ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ يوقاتمايمىز» دېگەن.
ئارقىدىن نۇرى تۈركەل سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»نى تەشكىللەشتىن باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىن تارتىپ ئۆزى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا خىزمەتكە كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ شىجائىتىگە، شۇنداقلا نەنسى پېلوسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرى تۈركەل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئورگاندا يەنە كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلىگەن.