خىتاي بۇ قېتىم كۇۋەيت تاراتقۇلىرىنىڭ كۆزىنى بويىدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ۋە كۆز بويامچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كۇۋەيت تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 10 نەچچە كىشىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»نىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى مەزكۇر كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىدە، 15-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە كۇۋەيت تاراتقۇلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تەييارلانغان مەسچىت، كارخانا، مەكتەپ، مەنزىرە رايونى، قەدىمىي شەھەر كونا كوچىسى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە: «شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، قانچە چۈشەنگەنسېرى شۇنچە يېقىملىق بىلىنىدىكەن» دەپ ماختاپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ قېتىمقى زىيارەت مەقسىتىنىڭ «ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنياغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى جار سېلىپ، كۆپلەپ تارقاتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2113 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2023 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق