خىتاي يېرىم يىلدا 600 گە يېقىن كىشىنى قايتۇرۇپ كەتكەن

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا چەت ئەلگە قاچقان 582 كىشىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىتايدىن  قېچىپ چىققان 582 كىشىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر مىليارد 932 مىليون يۈەن پۇلىنى يىغىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە جەمئىي 582 كىشىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 25 نەپىرىنىڭ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانلار ئىكەنلىكى، بۇلارنى قايتۇرۇش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزگەن پۇلنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد 932 مىليون يۈەن ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويغان «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى»نىڭ 4-بابى «تاشقى مۇناسىۋەت سىستېمىسى»دا ئېنىق قىلىپ: «تاشقى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئەدلىيە ياردىمى سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى ياخشىلاش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېيىلگەن.

گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدىكى بىر قانچە خىتاي پۇقراسىنى جىنايى ئىشلار بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «تۈلكە ئوۋلاش» ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن چەتئەلدىكى قاچقۇنلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىل 6-ئايدا نىيۇيوركتىكى پېنسىيەگە چىققان ساقچى ۋە ئىككى خىتاي پۇقراسى نيۇيوركنىڭ شەرقىي رايونىدىكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»گە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن. 2022-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، بىرۇكلىندىكى ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى يەتتە خىتاي پۇقراسىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىدىكى بىر ئەرنى خىتايغا قايتىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى ۋە ئوغلىغا پاراكەندىچىلىك سالغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق