خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتىنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىشنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم يۈننەن ئۆلكىسى شاديەن شەھىرىگە جايلاشقان شاديەن مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.
«زىمىستان تورى» نىڭ 22-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى يۈننەن ئۆلكىسى شاديەن شەھىرىگە جايلاشقان ۋە «تۇڭگانلارنىڭ مەككىسى» دەپ ئاتالغان چوڭ مەسچىتنى چېقىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، مەسچىتنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىغا ئويۇپ ياسالغان ئىسلامنىڭ روشەن سىمۋوللىرىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى باشلىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەردىن ئەنسىرەپ مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپىگە مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تۆمۈر تام ياسىغان.
مەسچىتنىڭ خىتاي ئۆزگەرتمەكچى بولغان يېڭى شەكلىنىڭ مودېلى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ۋېيبوغا يوللانغان بولۇپ، تور دۇنياسىدا كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي بۇ خىل ئىسلام ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلامنىڭ سىمۋولى بولغان بەلگە ۋە شەكىللەرنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئەرەبچە نەرسىلەرنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىش، دەپ دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ شاديەن چوڭ مەسچىتىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ئالاھىدە تارىخىي ۋەقە بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا) قىلمىشىنىڭ ئېنىق نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىت 1684-يىلى سېلىنغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم مەسچىت بولۇپ، ئۇزاقتىن بېرى كىشىلەر بۇ مەسچىتنى «تۇڭگانلارنىڭ مەككىسى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.
خىتاي رېجىمى ئىسلامغا ئۆچمەنلىك سىياسىتىنى تارىختىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىماندىن يېنىشقا مەجبۇرلىغان. ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ شاديەن مەسچىتىنى چېقىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدە باش ئەگمەي نارازىلىق بىلدۈرگەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى قانلىق باستۇرۇلغان. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە، 1975-يىلدىكى «شاديەن ۋەقەسى» دە 300 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1600 تۇڭگان مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن.
«زىمىستان تورى» خەۋەردە يەنە 1975-يىلدىكى شاديەن قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسەتلىرى چۈشۈرۈلگەن سۈرەتنى ھەمبەھىرلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ