خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۇسسۇل بايرىمى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

خىتاي ئاتالمىش «6-نۆۋەتلىك خىتاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى»نى 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇندى.

شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول بويىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، گۈزەل شىنجاڭدا جەم بولايلى» ناملىق بۇ پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خىتاي مەركىزىي ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئۇسسۇل بايرىمى 20-ئىيۇل كەچتە ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا باشلانغان بولۇپ، 5-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن.

ئۇسسۇل بايرىمىدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تۆت نومۇر كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە ئاتالمىش «رەڭدار يىپەك يولى، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاش» تېمىسىدىكى مودا كۆرگەزمىسى، كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتى» ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشنى پىلانلىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ۋە جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاتالمىش «پىكىر ئالماشتۇرۇش»، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تور يىغىنى ۋە بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1946 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2023 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق