ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى جازالاش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى قانۇن لايىھەسى ۋە تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يېڭى قەدەملەرنى تاشلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار قاتارىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە جىم بانكىس يېڭىدىن «قۇل ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى جازالاش قانۇن تەكلىپى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-ئىيۇل قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت جازالاش دائىرىسىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان شەخس ۋە كارخانىلارغا قارىتىلغان جازانى كېڭەيتىش ھەمدە ئىلگىرى جازالاش تەستىقلانغان ئورۇنلار بىلەن سودا قىلىدىغان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئورۇنلار بىلەن سودا قىلىدىغان چەت ئەل شىركەتلىرىگە قارىتىلغان جازانى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان شەخس ۋە كارخانىلارغا قارىتا مەجبۇرىي جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، بۇ جازالاش تەدبىرى جازالاش تەستىقلانغان ئورۇنلار بىلەن داۋاملىق سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى توسىيالمىغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ يوقىتىش خاراكتېرلىك رېجىمىنىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ ۋەھشىيلىكتىن پايدا ئالىدىغان شىركەتلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇننى ئىپادىلەپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى مايدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»غا ئاساسەن، ھېچقانداق شىركەتنى جازالاشنى بەلگىلىمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل مەسىلىگە سۇس مۇئامىلە قىلىشى ئىككى پارتىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 931 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2023 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق