ئامېرىكا 13 دۆلەت بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ خىتايغا قارشى كۈچىنى نامايان قىلدى

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 13 دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا قارشى كۈچى ۋە ئىتتىپاقداشلىقىنى نامايان قىلدى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەت بىلەن 21-ئىيۇلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدە ئىككى ھەپتىلىك دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان پوزىتسىيەسى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامايان قىلىش ئۇسۇلىدىن بىرى ئىكەن.

مانېۋىرنىڭ ئىسمى «Talisman Saber» بولۇپ، بۇ خىل خىتايغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش 2005-يىلى باشلانغان ۋە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى كارلوس دېل تورو بىرلەشمە مانېۋىردىن خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىدنېيدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس 800 دىن ئارتۇق ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ كۋېنسلاند دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەر بوۋېنغا كۆچمە پورت ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە: «بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مانېۋىرى بولىدۇ. مانېۋىر ئاۋسترالىيەنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تەقلىدىي قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئۇرۇشى، شۇنداقلا سۇغا قونۇش مانېۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىرغا ئاۋسترالىيەدىن باشقا فىجى، تونگا ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىن ئىبارەت تىنچ ئوكياندىكى ئۈچ ئارال دۆلىتى، فىرانسىيە، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كورىيە، يېڭى زېللاندىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 13 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، مانېۋىر 4-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، فىلىپپىن، سىنگاپور ۋە تايلاند كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2023 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق