خىتاي تور ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي خاككېرلىرى تور ھۇجۇملىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئېلخەتلىرى خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس Nicholas Burnsۋە شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى دانىيال كرىتېنبرىنك Daniel Kritenbrinkنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا سوقۇنۇپ كىرگەن بولۇپ، كەم دېگەندە يۈزمىڭلىغان شەخسىي ۋە ھۆكۈمەت ئېلخەتلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گىنا رايموندو Gina Raimondoۋە بۇ ئىككى دىپلومات ھازىرغىچە جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۈچ كىشى بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئەمەلدارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھۆكۈمەت ئېلخەت ھېساباتىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا خېرىدارلارنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ۋە خىتاي تەرەپ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مەلۇماتىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 658 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2023 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق