رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بومبا تاشلىغان بولۇپ، ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى «ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم كۆۋرۈكى يەنە بومباردىمان قىلىنغاندىن بۇيان، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئودېسساغا ئۈچ كۈن بومباردىمان قىلغان. ئودېسسا ۋالىيسى 20-ئىيۇل خىتاينىڭ ئودېسسادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى: «بىز خىتاينىڭ رۇسىيە ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپلا قالماي، شى جىنپىڭ رۇسىيە ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم ماختىغان.
ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى ئولېكسىي گونچارېنكو خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا بۇزۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن يازمىسىدا: «ئودېسسادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇزۇلۇشى بەك نازۇك مەسىلە بولۇپ، خىتاي بۇ ئىشقا نېمە دەيدۇ، قاراپ باقىمىز» دەپ يازغان.
خەۋەردە ئولېكسىي گونچارېنكو يوللىغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئودېسسادىكى كونسۇلخانىسى بۇزۇلغان بولۇپ، دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چېقىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئەمما سۈرەتتىن بىنانىڭ پورتقا قارايدىغان تەرىپىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، بىنادىكى بۇزۇلۇش تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رۇسىيە ئارمىيەسى 20-ئىيۇل كەچتە بومباردىماندا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى تىلغا ئالماستىن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئودېسسادىكى ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامبىرىنى نىشانلاپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ