ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 20-ئىيۇل يىللىق قانۇن لايىھەسىگە زور دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقلىنىپ قالسا، ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلىنىدىكەن.

بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسى 85 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 14 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى  بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئۆلچەمدىن ئاشقان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 ئەزاسى بار بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا سىياسەت بەلگىلەيدىغان يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوۋ مانچىن ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار يەنە بۇ خىل چەكلەشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ چەكلىمىگە قارشى تۇرغان دېموكراتچىلار كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس مۇرفى  بۇ ھەقتە: «بۇ چەكلەش سىياسىي تەسىرى ئازراق بولسىمۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ خام خىيالىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئالغان پايدىدىن زىيان كۆپ بولۇشى مۇمكىن» دېگەن

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 686 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2023 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق