ئامېرىكا ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىنىڭ ياردەم خىراجىتىنى توختاتتى

ئامېرىكا يەر شارى مىقياسىدا يەتتە مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەركىزى دەپ قارىلىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىگە ياردەم خىراجىتىنى توختاتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەجرىبىخانا 2020-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق ياردەم خىراجىتىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەمما ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تەجرىبىخانىنىڭ مەشغۇلاتىنى تەكشۈرۈپ: «بۇ ئىنستىتۇت فېدېراتسىيە بەلگىلىمىلىرىگە ماس كەلمەيدۇ، نۆۋەتتە ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ» دەپ يەكۈنلىگەن.

خىراجەتنى توختىتىش مەسىلىسى تەجرىبىخانىنىڭ بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە تەجرىبىخانىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سەھىيەت تەتقىقات ئورنى تەلەپ قىلغان تەتقىقاتقا ئالاقىدار قوشۇمچە ھۆججەت بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان.

ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا مىقياسىدا ئاپەتكە ئايلانغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنىڭ مەركىزىي تېمىسى بولۇپ قالغان. بۇ ۋىرۇس تۇنجى قېتىم ۋۇخەندە بايقالغان بولۇپ، بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تېخى يەكۈن چىقارمىغان. بۇ ئىنستىتۇتتىكى تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان، ئەمما خىتاي خەلقئارا ئالىملارنىڭ ئەسلىھە ۋە ئۇنىڭ مەشغۇلاتىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق