خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ تۈركىيەدە 2016-يىلدىن بۇيان «خىتاي خەلقئارا رادىيوسى تۈركىيە قانىلى» ئىسمى بىلەن خىزمەت باشلىغان ۋە ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىرنى مەركەز قىلغان ھالدا رادىئو ۋە يۇتيۇب قاناللىرى ئارقىلىق كېچە-كۈندۈز خىتاي تەشۋىقاتى قىلىۋاتقان مەزكۇر قانالنىڭ ئاتالمىش يازغۇچى، مۇخبىرى ۋە ئوبزورچىسى بولۇپ تۆت كىشىنى، يەنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۆز خىزمەتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بېرىپ زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلار ئارقىلىق تۈركىيەدىكى خەلقنى يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى.
خىتاي رېجىمى يەنە بۇ نومۇسسىز قىلمىشىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن يوشۇرۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، «تۈركىيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ئەركىنلىك ۋە غايەت زور تەرەققىياتتىن ھەيران قىلىشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى داۋراڭ سالغان ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرغان.
خىتاي زىيارەت تەشكىللىگەن مەزكۇر ئۆمەك ھەسەن بۆگۈن، كامىل ئەردوغدۇ، گۆكخۇن گۆچمەن ۋە مەھمەت ئەلى گۈللەر قاتارلىق تۆت كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي خەلقئارا رادىيوسى تۈركىيە قانىلىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن. ئۇلار 9-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان ۋە قايتىپ كېلىپلا ھەممىسى ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، يەنە شۇ ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانىدا ماقالە يېزىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقى ئەھۋالدىن ھاڭ-تاڭ قالغانلىقى، «ئۇيغۇرلار زۇلۇم ئاستىدا باستۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەربنىڭ خىتاينى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى ئىكەنلىكى دېگەندەك سەپسەتىلەرنى جۆيلۈشكەن.
ئۆمەك ئىچىدىكى مەھمەت ئەلى گۈللەر «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» ماۋزۇسىدا 18-ئىيۇل خىتاي تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان كۆرگەنلىرىدىن ھەيران قالغانلىقىنى، غەرب ۋە تۈركىيەدىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ جازا لاگېرى دەپ تىلغا ئېلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كەسپىي تەربىيلەش مەكتەپلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تاقىلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ چالۋاقىغان ۋە تۈرك خەلقىنى ئاخباراتلاردا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان.
ئۇلارنىڭ بۇ چالۋاقاشلىرىغا ئاز ساندىكى خىتاي مەستانىلىرىدىن باشقا كۆپ ساندىكى ھەقىقەتنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ، ئۇلارغا مەسخىرىلىك سوئال قويۇشقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇرنىدىن يېتىلەپ ئاپىرىپ ئەكىلىنگەن مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى زۇلۇملارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ بۇيرىغىنىدىن باشقىنى يازالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر، ئابدۇخەبەر رەجەپ