ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئەمەلدارى: زور كۈچ بىلەن خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك

ئەنگلىيەنىڭ مەخپىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (ھەربىي ئىستىخبارات ئالتىنچى باشقارمىسى) باشلىقى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-ئىيۇل چېخ پايتەختى پىراگادا ئەنگلىيە مەخپىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئامېرىكا «سىياسەت گېزىتى» ساھىبخانلىق قىلغان ئاز ئۇچرايدىغان ئاممىۋى سورۇنغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇ بۇ يەردە سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە ئەنگلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ مەنبەلىرىنى سەرپ قىلىپ، خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئېنىق قوللاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«سىياسەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئورگان 1909-يىلى قۇرۇلۇپ 1994-يىلغىچە جاسۇسلۇق كىنولىرى ياكى رومانلاردا تەسۋىرلەنگەندىن باشقا، ئەنگلىيە چەت ئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر ھەربىي ئىستىخبارات ئالتىنچى باشقارما ئۆزىنى قىسمەن ئاشكارىلاشقا باشلىغان.

پىراگا باھارىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەنگلىيە مەخپىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد مور ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ پىراگادىكى تۇرالغۇسىدا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىككىنچى قېتىملىق لېكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، پىلان بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۆزىنى ئاشكارىلىغان.

رىچارد مور لېكسىيەسىدە خىتاينىڭ ئىران، بېرما قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىغاندىن باشقا، ئىران ۋە بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قانچە يىرگىنچلىك ۋە چىرىك دىكتاتور دۆلەت ۋە كۈچلەرنى قوللىغان.

رىچارد مور خىتاينى تەنقىدلىگەن: «بېرمىدىن ئىبارەت ئېسىل دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش. مەن خىتاينىڭ بۇ ئېچىنىشلىق مەسىلىلەردە ھەقىقەتەن مەسئۇلىيىتى بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، چۈنكى خىتاي مەزكۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى. ئەگەر خىتاينىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۇ چىرىك دىكتاتور كۈچلەرنىڭ ھازىرقىدەك ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈش تەس» دېگەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن «سانلىق مەلۇمات تۇزىقى» بەلگىلەش ئارقىلىق دۆلەتلەرنى تۇزاققا چۈشۈرمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2023 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق