خىتاي ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، رۇسىيە بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرىغا تەييارلىق قىلغان.
خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە كۆرسەتكەن يامان تەسىرىگە قارىماي، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيەگە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي توقۇنۇشتا بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە موسكۋا بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە سودا ئالاقىسىنى ساقلىغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي خەلقئارا مۇنبەردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، رۇسىيەنى ئامېرىكىغا قارشى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ