خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇش» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئىسلام دىنىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى جى لىن ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قورچاق ئەمەلدار ئىلزات ئەخمەتجان سۆز قىلغان.
جى لىن سۆزىدە: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىسلامنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە» دەپ بىلجىرلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق سۆزلىرى ئىسلام دۈشمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا) ۋە ئۇنىڭغا قۇترىتىش ئىبارىلىرى بىلەن تولغان.
يىغىندا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدار ئىلزات ئەخمەتجان يەنە: «بىز چوقۇم شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلىشىمىز كېرەك» دەپ جار سالغان.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزىمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ