خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا ئۆتىدىغان چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى.
خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جېمىنەي ناھىيەسى تاموژنىسىدا چېگرادىن كىرىپ-چىقىش، يولۇچى توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 140 دىن ئارتۇق يولۇچى چېگرادىن ئۆتكەن.
جېمىنەي چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باشقارمىسى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئىلگىرى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىن ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، بۇ پونكىتنى تاقىۋالغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي بۇ پونكىتنى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئاقلاش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە قايتا ئېچىۋەتكەن.
جېمىنەي چېگرا ئېغىزى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇرمۇھەممەت بۇرالى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن چىققان يولۇچىلار چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ۋە تۇغقان يوقلاشنى ئاساس قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئىش، سودا پائالىيىتى ۋە ساياھەت قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن قازاقىستانغا بارىدىغانلارنىڭ ۋە تۇرۇش ۋاقتى 14 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلارنىڭ ۋىزا بېجىرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس، ئالاتاۋ، ئەركەشتام، تايكېشكېن، تورغات قاتارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا يولۇچىلار تىرانسپورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتۈش كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شەرقىي تۈركىستان سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزىدىن 20 سى، 17 قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى، ئۈچ ئاۋىياتسىيە چېگرا ئېغىزى بار.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ