ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ھېنرى كىسىنگېر 18-ئىيۇل تۇيۇقسىز بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.
CNBC نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھېنرى كىسىنگېر بېيجىڭدا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىسسىنگېرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەمەس، شەخسىي پۇقرا سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە شۇنداقلا كىسسنگېرنىڭ لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ كىلىمات ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېرىنىڭمۇ بېيجىڭدا كېلىمات سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى دىققەت قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىسسىنگېر بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. كىسسىنگېر لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشۈشىدە، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، تىنچ بىللە ياشىشى ۋە قارشىلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كىسسىنگېر سۆزىدە: «تارىخ ۋە ئەمەلىيەت ئامېرىكا ياكى خىتاينىڭ بىر-بىرىگە قارشى رەقىبلەردەك مۇئامىلە قىلالمايدىغانلىقىنى ئىزچىل ئىسپاتلاپ كەلدى» دېگەن.
لى شاڭفۇ بولسا ئىسمىنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننى مەقسەت قىلغان ھالدا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلىنكېن 6-ئايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
بۇ يىل 100 ياشقا كىرگەن كىسىنگېر نىكسون ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا يول ئاچقانىدى.
س ن ن نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى بۈگۈن كىسىنگېر بىلەن كۆرۈشكەندە، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ: «خىتاينى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش مۇمكىن ئەمەس، خىتاينى توسۇش ۋە كونترول قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دەپ جار سالغان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى كىسىنگېر ئۇسلۇبىدىكى دىپلوماتىك ئەقىل ۋە نىكسون ئۇسلۇبىدىكى سىياسىي جاسارەتنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەسيۇ مىللېر كىسىنگېرنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشىدە مەسىلە بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ھەر قانداق كىشىنىڭ جازالىرىمىزغا خىلاپلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز، ئەمما مەن بۇ ئۇچرىشىشنى جازاغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىمايمەن» دېگەن ۋە ئىلاۋە قىلىپ: «ئەمەلىيەتتە، بىز دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمىزنىڭ جازالانغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر