ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار پارتىيەسى رەھبىرى چاك شۇمېر خىتاي ياسىغان ئەپيۈن تۈردىكى دورا - فېنتانىل ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چاك شۇمېر 16-ئىيۇل پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىغا بىر تۈزىتىش لايىھەسى كىرگۈزۈپ، ئەپيۈن تۈردىكى دورا - فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلغان خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نەچچە ئونمىڭلىغان ئامېرىكىلىق خىتاي ئىشلەپچىقارغان فېنتانىلنى زىيادە ئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، شۇمېر بۇ ھەقتە خىتاينى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن. ئۇ بۇ دورىنىڭ خىتايدىكى بىر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدىن كەلگەنلىكىنى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ئەھۋالنى تولۇق ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇمېر نىيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «مەن يېقىندا پارتىيە ھالقىغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بۇ لايىھە فېنتانىلنى مۇداپىئە قانۇنى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭغا چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىق ئاساسلىق قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ ھەپتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى پالاتاغا ئېلىپ كىرىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 6-ئايدا خىتاينىڭ تۆت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ۋە سەككىز شەخس ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى فېنتانىل ياساشتا ئىشلىتىلگەن ئىلگىرىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ئەيىبنامىدە ئامېرىكىنىڭ ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئۈچۈن خىمىيەلىك دورا ئىشلەپچىقارغان خىتاي شىركىتى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم ئەرز قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.
ئۈچ ئايرىم تۈردە ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى مېكسىكىدىكى سىنالوئا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىغا ئالدىن خىمىيەلىك دورا ساتقان، ھەتتا مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئامېرىكا ۋە كاناداغا بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە يول ئاچقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ فېنتانىل بىلەن زەھەرلەشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر فېنتانىل بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇسەمى خوتەن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاللىبۇرۇن قارا قولىنى سۇنغان بولۇپ، خىتايغا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن فېنتانىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان خىروئىن، نەشە، مۇزسىمان زەھەر قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ياش ئوغۇل-قىزلار ئارىسىدا تارقاتقان. نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى خىتاينىڭ دامىغا چۈشۈپ، زەھەرلىك چېكىملىككە كۆنۈپ قالغان. بۇ خىل زەھەرگە خۇمار قىلىنغان كىشى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زەھەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا ئويلايدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىكەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ياش زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئېغىر خۇمار بولغانلارنىڭ سانى 20 گە يېقىن ئىكەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن بىر قىز، ئۈچ ئوغۇل خىتاينىڭ قارا قولى بولغان زەھەر سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ