تۇرپاندا 52.2 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى رايونىدىكى ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ كۆزىتىشىچە، 16-ئىيۇل سائەت 19 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، تېمپېراتۇرا 52.2 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14-چېسلا سائەت 15 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى رايونىدىكى ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ كۆزىتىشىچە، 16-ئىيۇل سائەت 17 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە تېمپېراتۇرا 52.2 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
16-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 تە، تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى غايەت زور تېرمومېتىردا كۆرسىتىلىشىچە، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 17-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىزچىل 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن. تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ